112
‏1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان،
ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.
‏2 ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى يەر يۈزىدە كۈچ-قۇدرەتلىك بولار،
دۇرۇسلارنىڭ نەسلى بەرىكەت تاپار.
‏3 مال-دۇنيا ۋە بايلىق ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئۈزۈلمەس،
ئۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ئەبەدكىچە داۋام قىلار.
‏4 دۇرۇس ئادەملەرگە قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار.
ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ۋە ھەققانىيدۇر.
‏5 رەھىمدىل بولۇپ ئۆتنە بېرىدىغان كىشى سائادەتمەن بولار،
ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزەر.
‏6 ئۇ ئەبەدىي تەۋرەنمەس،
ئۇ مەڭگۈ ئەسلىنەر.
‏7 ئۇ يامان خەۋەردىن قورقۇپ كەتمەس،
پەرۋەردىگارغا تايانغاچقا، ئۇنىڭ يۈرىكى قەيسەر بولار.
‏8 ئۇنىڭ كۆڭلى مۇستەھكەمدۇر، ھېچ قورقماس،
تاكى دۈشمەنلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەنگە قەدەر.
‏9 ئۇ مەردلىك بىلەن تارقىتار، يوقسۇللارغا بېرەر.
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدكىچە بولار،
ئۇنىڭ مۈڭگۈزى شان-شەرەپ بىلەن كۆتۈرۈلەر.
‏10 يامان كىشى بۇنى كۆرۈپ چىدىماي، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئۆز-ئۆزىنى يەر.
يامانلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى يوققا چىقار.