113
‏1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
مەدھىيىلەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمد ئېيتىڭلار.
‏2 پەرۋەردىگارنىڭ نامى ھازىردىن ئەبەدكىچە مەدھىيىلەنسۇن.
‏3 كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمد ئېيتىلسۇن.
‏4 پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەر ئۈستىدە تۇرار،
ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلاردىن ئاشار.
‏5 ئەرشتە ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا كىممۇ ئوخشار؟
‏6 ئۇ يۇقىرىدىن قاراپ، ئاسمان ۋە يەرگە نەزەر سالار.
‏7 ئۇ بىچارىلەرنى توپىدىن كۆتۈرۈپ تۇرغۇزار،
مىسكىنلەرنى مەينەتتىن چىقىرىۋالار.
‏8 ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر قاتارىدا،
ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرىنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزار.
‏9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيدە بالىلىرى بىلەن
بەختلىك ياشايدىغان ئانا قىلار.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!