114
1 ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇب جەمەتى يات تىللىق خەلقنىڭ ئارىسىدىن چىققىنىدا،
2 يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايى،
ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتەنىتى بولدى.
3 بۇنى كۆرۈپ دېڭىز قېچىپ كەتتى،
ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى.
4 تاغلار قوچقارلاردەك،
دۆڭلۈكلەر قوزىلاردەك سەكرەشتى.
5 ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟
ئەي ئىئوردان، نېمە ئۈچۈن ئارقاڭغا يېنىپ كېتىسەن؟
6 ئەي تاغلار، نېمە سەۋەبتىن قوچقارلاردەك سەكرەيسىلەر؟
ئەي دۆڭلۈكلەر، نېمىگە قوزىلاردەك سەكرەيسىلەر؟
7 ئەي يەر، رەبنىڭ ھۇزۇرىدا،
ياقۇبنىڭ خۇداسىنىڭ ئالدىدا تىترە.
8 ئۇ قورام تاشنى سۇ كۆلىگە،
قاتتىق تاشنى سۇ بۇلىقىغا ئايلاندۇردى.