115
‏1 مېھىر-شەپقىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ئۈچۈن،
بىزگە ئەمەس، ئەي پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس،
شان-شەرەپ ئۆز نامىڭغا مەنسۇپ بولسۇن.
‏2 نىچۈن يات خەلقلەر:
«ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېيىشسۇن؟
‏3 ئەمما بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشلەردىدۇر،
نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ.
‏4 ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىبارەتتۇر،
ئۇلارنى ئادەم قوللىرى ياسىغاندۇر.
‏5 ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى بولسىمۇ سۆزلىيەلمەس،
كۆزلىرى بولسىمۇ كۆرەلمەس.
‏6 قۇلاقلىرى بولسىمۇ ئاڭلىيالماس،
بۇرۇنلىرى بولسىمۇ پۇرىيالماس.
‏7 ئۇلارنىڭ قوللىرى بولسىمۇ تۇتالماس،
پۇتلىرى بولسىمۇ ماڭالماس.
ئۇلارنىڭ كانىيىدىن ئاۋاز چىقماس.
‏8 ئۇلارنى ياسىغۇچىلار ۋە ئۇلارغا تايانغۇچىلار
ئۇلارغا ئوخشاپ قالار.
 
‏9 ئەي ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.
ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر.
‏10 ئەي ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.
ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر.
‏11 ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.
ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر.
 
‏12 پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتىپ بەرىكەت بېرىدۇ.
ئىسرائىل جەمەتىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
ھارۇن جەمەتىگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
‏13 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلارغا،
چوڭ-كىچىك ھەممىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
‏14 پەرۋەردىگار سىلەرنى كۆپەيتكەي،
سىلەرنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى كۆپەيتكەي.
 
‏15 سىلەر ئاسمان-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنسىلەر.
‏16 ئاسمانلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر،
ئەمما يەرنى ئۇ ئادەم بالىلىرىغا بەرگەندۇر.
‏17 ئۆلۈكلەر پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىمەس،
سۈكۈت دىيارىغا چۈشكەنلەر ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتالماس.
‏18 ئەمما بىز ھازىردىن ئەبەدكىچە پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمىز.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!