116
1 مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، پەريادىمنى ئاڭلىدى.
2 ئۇ ماڭا قۇلاق سالدى.
شۇڭا ئۆمۈر بويى ئۇنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن.
3 ئۆلۈمنىڭ ئارغامچىلىرى مېنى يۆگىۋالدى،
ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ دەھشىتى مېنى بېسىۋالدى،
ئازاب-ئوقۇبەت ۋە غەمگە پاتتىم.
4 ئۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ:
«ئەي پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتقۇزغىن» دەپ يالۋۇردۇم.
5 شەپقەتلىك ۋە ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار،
خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.
6 پەرۋەردىگار ساددىلارنى قوغدايدۇ.
ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىمدا ئۇ مېنى قۇتقۇزدى.
7 ئەي جېنىم، ئارامگاھىڭغا قايتقىن،
چۈنكى پەرۋەردىگار ساڭا شاپائەت كۆرسەتتى.
8 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشتىن،
پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىدىڭ.
9 مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن.
10 قاتتىك ئازاب تارتقان بولساممۇ،
مەن يەنىلا ئىشەندىم.
11 مەن ۋەھىمىگە چۈشكىنىمدە:
«ھەممە ئادەملەر يالغانچى» دېگەنىدىم.
12 پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ھەممە ئىلتىپاتىنى
ئۇنىڭغا نېمە بىلەن قايتۇرىمەن؟
13 مەن نىجاتلىق قەدىھىنى ئېلىپ،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ دۇئا قىلىمەن.
14 ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ ئالدىدا،
پەرۋەردىگارغا بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئادا قىلىمەن.
15 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە
تەقۋادارلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىكتۇر.
16 ئەي پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن،
بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن،
ئۆز دېدىكىڭنىڭ ئوغلىدۇرمەن.
سەن مېنىڭ زەنجىرلىرىمنى يەشتىڭ.
17 ساڭا شۈكۈر قۇربانلىقىنى سۇنىمەن.
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ دۇئا قىلىمەن.
18 ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ ئالدىدا،
پەرۋەردىگارغا بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئادا قىلىمەن.
19 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا،
سېنىڭ ئوتتۇراڭدا تۇرۇپ، ئەي يېرۇسالېم،
ۋەدىلىرىمنى ئادا قىلىمەن.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!